ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 30-ئۆكتەبىر)

بەختىيار بۆرە: تايلاندتا پادىشاھ كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەن ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا
تايلاند پادىشاھىنىڭ ئەپۇ قارارىغا ئېرىشىپ، 21-ئۆكتەبىر كۈنى تۈرمىدىن كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە يۆتكەلگەن ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن، ئۆزلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قوغداش ئۈچۈن خەلقئارادىن ياردەم سورىغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تايلاندتىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتقان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بەختىيار بۆرە بۈگۈن رادىيومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا، پادىشاھ كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەن ئىككى كىشىنىڭ ئادۋوكاتى تەمىنلىگەن يا
