پېنتاگون نامى ئۆزگەرگەن كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭمۇ پائالىيىتىنى چەكلىدى

ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرى پېت ھېگسېت(Pete Hegseth) 23-ئۆكتەبىر كۈنى، پېنتاگوننىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ بەلگىلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكىدا 2018-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەر نەتىجىسىدە كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تاقالغان ئىدى. ھېگسېتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىنستىتۇتلار شۇنىڭدىن كېيىن باشقا ناملار بىلەن پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان.
پېنتاگون بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا ئامېرىكىدىكى 30 ئۇنىۋېرسىتېتتە 80 گە يېقىن يېڭى قۇرۇلمىنىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە ئۇلارنى خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش، ئىلمىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش ۋە ياش ئوقۇغ
