ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسى ئۈستىدىن «كۆز-قۇلاق» بولۇشقا سېلىش يەنە داۋاملاشماقتا

Source: RFA
Published: 2026-11-20
Original: https://www.rfa.org/uyghur/news/2026/11/20/balilar-nazaret/
خوتەنگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرى جەريانىدا، كەنت ساقچىلىرى «نازارەتچى» ئوقۇغۇچىلاردىن ئەھۋال ئىگىلەۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىدىيەۋى ھالىتىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (RFA خەۋىرىگە ئاساسەن)
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپ بالىلىرىنى ئائىلىسى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىشكە قاتناشتۇرۇش ئۇسۇلى، ئىلگىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى تەكشۈرۈش شەكلىدە كۆرۈلگەن بولسا، يېقىنقى يىللاردا خىتاي تىلىنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىش شەكلىدە داۋاملاشماقتا. (RFA خەۋىرىگە ئاساسەن)
