ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 20-نويابىر)

ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسى ئۈستىدىن «كۆز-قۇلاق» بولۇشقا سېلىش يەنە داۋاملاشماقتا
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپ بالىلىرىنى ئائىلىسى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىشكە قاتناشتۇرۇش ئۇسۇلى، ئىلگىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى تەكشۈرۈش شەكلىدە كۆرۈلگەن بولسا، يېقىنقى يىللاردا خىتاي تىلىنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىش شەكلىدە داۋاملاشماقتا.
خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 2024-يىلى 12-نويابىردا ئېلان قىلغان رەسمىي خەۋىرىدە، «كىچىك قوللار چوڭ قوللارنى يېتەكلەش، دۆلەت ئورتاق تىلىنى بىرلىكتە ئۆگىنىش» پائالىيىتى ئارقىلىق 18 مىڭ ئوتتۇرا ۋە ب
